خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەرخانىسى

كەپتەر قۇبۇل قىلىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى

ھۆرمەتلىك كەپتەرخانىمىزنىڭ ئەزالىرى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلار، تىنچلىق تۇرۇپسىلەر!

كەپتەرخانىمىز 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كەپتەر قۇبۇل قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە، ھەرقايسى رايونلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋە ۋاكالىتەن يىغىش ئورۇنلىرىدىكى دوستلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، بۈگۈنگىچە يىغىلغان مۇسابىقە كەپتەر سانى 10500 دىن ئاشتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىكنىڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەرخانىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە ئىشەنچىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

مۇھىم ئۇقتۇرۇش

كەپتەرداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەمدە مۇسابىقە كەپتەرلىرىنىڭ بىرتۇتاش بېقىش باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ كەپتىرىنى قۇبۇل قىلىشنى توختاتماقچى، كەچ سائەت 10دىن كېيىن ھەرقانداق يېڭى نام بىلەن كەپتەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.

كەپتەر تولۇقلاش ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى

2026-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 10غىچە

گۇرۇپپا تولۇقلىماقچى ياكى ئۆلگەن كەپتەر ئورنىغا كەپتەر تولۇقلىماقچى بولغانلار مۇشۇ ۋاقىتقىچە تولۇقلاۋالساڭلار بولىدۇ

بۇ يىللىق مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن

5 كەپتەر بىر كىچىك گۇرۇپپا، 15 كەپتەر بىر چوڭ گۇرۇپپا 3 كىچىك گۇرۇپپا بولىدۇ، كەپتەر يىغىش توختىغان كۈندىكى سان ھېساب بولىدۇ كەپتەر يىغىش توختىغاندىن كېيىن باشقا نامدىكى كەپتەرلەرنى يۆتكەشكە، بىرلەشتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ.

كەپتەر يىغىش مەزگىلى ۋاقىت قىسقا خىزمەتلەر ئالدىراش بولغانلىقتىن ئۇچۇرلارنى كومپىيۇتېرغا تىزىملاش جەريانىدا كەپتەرداشلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، زاكەلەت تاپشۇرۇش ئەھۋالى كەپتەرنىڭ رەڭگى، سانى، رايون ئادرېسى، قاتارلىقلاردا خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەم بەزى كەپتەرداشلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىككى بولغانلىق سەۋەپتىن ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئەۋەتكەن كەپتىرى ئىككى كاتەك نومۇرىغا كىرىپ قېلىش، ياكى كەپتەر باشقا كاتەك نومۇرىدا زاكالەت پۇلىسى باشقا كاتەك نومۇرىغا تۆلىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدىكەن. شۇڭلاشقا كەپتەرداشلار تورغا يوللانغان ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.

ئەگەردە خاتالىق بايقالسا ۋاقتىدا تۆۋەندىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۈزىتىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش

يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مۇكاپات ئېلىشىڭىزغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسىم ئىشلەتمىگەن كەپتەرداشلار ۋاقتىدا كەپتەرخانىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ قويۇشلىرىنى سورايمىز.

زاكالەت پۇلى توغرىسىدا

زاكالەت پۇلى 2380 يۈەن تاپشۇرۇش ۋاقتى كەپتەر يىغىش ئاخىرلىشىپ 10كۈنگىچە بولىدۇ، 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى زاكالەت تاپشۇرۇش توختىتىلىدۇ، تاپشۇرۇلغان زاكالەت پۇل 130كىلومېتىرلىق مەشىقتىن كېيىن بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقە پۇلىغا ھېساب بولىدۇ. ئەگەردە ھەق ئېلىش بېكىتىدە نامىدا كەپتەر قالمىغان بولسا تاپشۇرغان پۇل ئەسلى يولى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفونى
18197787770
19399540111

(ئۈندىدار ئورتاق)